22 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.
شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن.
سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن، ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»
ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.
شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»
ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ. مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن. مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.»
تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى، چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.