ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا، يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.