16 ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟
پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار! بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.
«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»
ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ، ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.
بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان، شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟»
ئۈستبېشىڭغا نىجاسەت ياغدۇرۇپ، سېنى رەسۋا قىلىمەن. كۆپچىلىككە سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرسىتىمەن.
ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ جايى ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىدۇر. تۆت ئەتراپى ئاسسۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئاخىر بېرىپ، ئۆزلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلدى.
بۇرۇنقى زامانلاردا باتۇرلار ئۆلسە، دەپنە قىلىنغاندا قىلىچلىرى ياستۇق، قالقانلىرى يېپىنچا قىلىناتتى. لېكىن مەشەك ۋە تۇباللار شەرەپ بىلەن دەپنە قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى.
ئۇلار قاچانغىچە تورىنى تاشلاپ، ئەللەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟