Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم، غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم. لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 13:3
20 Referans Kwoze  

ئەي ئەتراپتىكى بارلىق ئەللەر، تېز بولۇڭلار، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلىڭلار!›» ئى پەرۋەردىگار، لەشكەرلىرىڭنى ئەۋەتكەيسەن.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.


خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.


ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار. ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ، زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite