19 بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى،
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ! پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
مەن سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك، بابىلنى ۋەيران قىلىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.
پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: «ئەگەر ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ساقلاپ قالمىغان بولسا، بىزمۇ خۇدا ئوت ياغدۇرۇپ يوق قىلىۋەتكەن سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكىلەردەك بولاتتۇق.»
دۇنيادىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى،
ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»
يەنى بۇ ئىككى شەھەرنى، شەھەردىكى ئاھالىلەرنى، تۈزلەڭلىكنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى خاراب قىلدى.
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:
قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن. سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.
يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.
لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.
ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن.