15 تېپىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»
قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.
ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.
سەن ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنى تارمار قىلدىم، قېرىلارنى، ياشلارنى تارمار قىلدىم، ئوغۇل-قىزلارنى تارمار قىلدىم،