13 بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ، ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.»
پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.
- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.
لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا، كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟ پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا، كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟
سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار، ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار. ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ، زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ. زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ.
ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ، زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ.
شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.
قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى، ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى.
پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.
ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.
يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.
بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر. ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق! ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ۋەيرانچىلىق شامىلىنى قوزغايمەن.