Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 12:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 12:6
40 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»


كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.


ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا، ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا، ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا.


ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن، بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ.


مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.


ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.


ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.


شۇڭا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار.


مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.


«ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ، مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم، خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم.


بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.


ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟


شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.


ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.


ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا، يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.


ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ.


پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.


مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىكتۇر.


ئەي ئىدوم، گەرچە مەن ئۇ يەردە بولساممۇ، بۇرۇن سەن: ‹يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىزگە تەۋە بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز› دېگەنىدىڭ.


خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى نامايان قىلىمەن، ئەمدى مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا ھەرقايسى ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


_ سىلەر يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا تۇتىشىدىغان زېمىندىن بىر پارچە يەرنى ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرگە خانلىق يەرلەرنى قوشقاندا شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى قوشنا قەبىلىلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، كەڭلىكى 12.5 كىلومېتىردۇر. ئىبادەتخانا ئاشۇ يەرنىڭ مەركىزىدە بولسۇن.


مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس، ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس. ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.


_ ئەگەر بىرەر قۇل باشقا ئەلدىن قېچىپ كېلىپ، سىلەردىن پاناھلىق تىلىسە، قېچىپ كەلگەن قۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار.


پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى، مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»


پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite