Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 12:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 12:4
42 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!


ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.


مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.


«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›


ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.


ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.


پەرۋەردىگار قۇدرىتىم، مۇناجىتىمدۇر مېنىڭ، قۇتۇلدۇردى ئۇ مېنى. خۇدايىمدۇر ئۇ مېنىڭ، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى، ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، ماختايمەن شۇڭا ئۇنى.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.


ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


ھېچكىم تەڭ بولالماس ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا، كىممۇ ئوخشار ئۇ ساماۋى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاسمان-زېمىنغا يۇقىرىدىن نەزەر سالغۇچىغا؟


سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.


بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن.


تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا.


شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.


دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»


ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.


مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.


جاكارلىنار كېيىنكى ئەۋلادلارغا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بايان قىلىنار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى.


ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى، ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.


كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!


مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.


پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.


ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن. دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن.


سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!


كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.


ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite