2 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.
ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.
لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.
چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى.
ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.
سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.
خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.
مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،
بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.
ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي، ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي.
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇ، خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ. شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ.
بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.
ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى