Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 11:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 11:15
19 Referans Kwoze  

خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.


ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.


مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.


ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.


نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›


ساڭا ۋە دەريا ئېقىنلىرىڭغا قارشى تۇرىمەن. مىسىرنىڭ مىگدول شەھىرىدىن تارتىپ ئاسۋان شەھىرىگىچە ۋە كۇشنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان زېمىنىنى پۈتۈنلەي قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ.


مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.


ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى.


شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ.


دېڭىزدىن سىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن، شىددەتلىك ئېقىندىن سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان،


مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.


ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite