Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 10:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 10:6
38 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


يەھۇدىيە خەلقى مىسىرلىقلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. مىسىرلىقلار يەھۇدىيەنى ئېسگە ئالغان ھامان ئۇلار قورقىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى جازالىماقچى.


ئەي ساختىپەزلەر! خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە:


ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟


شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى، قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى، قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن شاراب كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم يانجىدىم، ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى. مەن غەزەپلىنىپ، دۈشمەنلىرىمنى يانجىدىم، قەھرىم تېشىپ، رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم. ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ، كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى بۇلغىدى.


مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.


سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»


ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.


ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.


ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ. ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.


ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.


ئەمدى ئۈزۈمزارلىقىمغا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىلەرگە ئېيتىپ قوياي: ئۇنىڭ قاشالىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن، ھايۋانلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگەتسۇن. ئۇنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ، چاقىمەن، ئۇنى ھايۋانلار دەسسەپ-چەيلەپ ۋەيران قىلسۇن.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ.


بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ، سېنى ۋەيران قىلىپ يوقاتماقچى بولغانلار كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجا چوقۇم تارتىپ ئېلىنىدۇ، زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ. ساڭا قارشى چىققانلارغا مەن قارشى چىقىمەن، بالىلىرىڭنى مەن قۇتقۇزىمەن.


بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن مىسىرنى ئۇنىڭغا ھەق سۈپىتىدە بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايمەن. ھەرقايسى ئەللەردىن قايتىپ كېلىپ، خاراب يۇرتلارنى گۈللەندۈرگەن خەلققە ھۇجۇم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ چارۋىلىرى ۋە مۈلكى ھەددى-ھېسابسىزدۇر، ئۇلار دۇنيانىڭ كىندىكىدىدۇر.›


شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»


ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟


بىزنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىمىزنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى بىزگە: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان.


بالىنىڭ «دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن، دەمەشقنىڭ ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇر پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite