33 قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.
ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟!
بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.
پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.
ئىنسان پەس قىلىنىدۇ، ئىنساننىڭ ھاكاۋۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ.
يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!
مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ.
ئاسسۇرىيەگە قارا، ئاسسۇرلارمۇ لىۋاندىكى بىر تۈپ كېدىر دەرىخىدەك ئىدى، ئۇنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ئەتراپىغا سايە تاشلايتتى، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشقانىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ۋەيران بولۇپ، يوق بولىدۇ. مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم، ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن.
ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە، پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.
مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،