Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 10:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 10:29
18 Referans Kwoze  

شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر ئەترىتى مىكماستىكى داۋاننى ساقلاش ئۈچۈن بارغانىدى.


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى.


ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا،


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار. ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟!


ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ، ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.


گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»


پادىشاھ ئاسانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا، يەنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


يوناتان فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.


سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا تۇردى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى.


ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.


سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.


بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدىكى بارگاھتا ئىدى.


قىيانىڭ بىرى شىمالغا، يەنى مىكماسقا، يەنە بىرى جەنۇبقا، يەنى گەباغا قاراپ تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite