يەشايا 10:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن. Gade chapit la |
ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار ئورېبنى تاش ئۈستىدە ئۆلتۈردى، بۇ تاش كېيىن «ئورېب قورام تېشى» دەپ ئاتالدى. زىئېبنى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۆلتۈردى. بۇ كۆلچەك كېيىن «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى» دەپ ئاتالدى. ئۇلار مىديانلارنى داۋاملىق قوغلاپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.