25 ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن.
پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: «كەلگۈچى پات يېقىندا كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ.
شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.
مەن سېنى قىسقا ۋاقىت تاشلىۋەتتىم، لېكىن مەن قاتتىق ھېسداشلىقىم بىلەن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن،
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.
ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.
خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن.
ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار، ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار.