سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن. شۇنداقلا ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراقتىكى پىنھان جايلارغا ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن.