يەشايا 10:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. Gade chapit la |
مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.