يەشايا 10:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم. Gade chapit la |
شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.
كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى مول بولغان، شۇنداقلا زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.