8 غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
«ئەي يېرۇسالېم خەلقى، ئەمدى قورقماڭلار! مانا، پادىشاھىڭلار تەخەي مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون قىزى، چۇقان سېلىڭلار، تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ياشايمەن.
مانا ئەمدى، پەرۋەردىگارنىڭ جاكارلىغانلىرى پۈتۈن دۇنياغىچە يېتىپ بارىدۇ: «سىلەر ئەزىز سىئون خەلقىگە مۇنداق دەڭلار: ‹قارا، سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ كەلمەكتە، قارا، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.›
بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.
ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى، ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى. ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى، بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى، ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى.
ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.
ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.
بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.
رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز، ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر.
يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.
بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!
ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.
ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.
شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن: ‹ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلگەن، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىم، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىم، ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟ مەن يالغۇز قالغان ئىدىمغۇ، ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›»
سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى، بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن.
مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭگە بارگاھ قۇرىمەن، ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن، سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن.
سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»
سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»