Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق، قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل! بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 1:4
69 Referans Kwoze  

شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ.


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا!


ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟!


ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟


ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.


پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغات بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن.


چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»


سىلەر ئاشىقىڭلارنى قوغلىشىشقا نېمىدېگەن ئۇستا-ھە! ھەتتا پاھىشە ئاياللارمۇ سىلەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ.


ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.


ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ،


كىشىلەر بۇنى كۆرۈپلا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلاپ چۈشىنىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان، بۇلارنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەن ياراتقان.»


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!


ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.


بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ.


سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان. بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي!


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.


بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم، ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم.


دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.


رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا، يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى.


كۆرۈپ پەرۋەردىگار بۇ رەزىللىكنى غەزىپى تېشىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تاشلىدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.


باشقىلار جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى بۇ زېمىندىكى خەلق، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدىن يۈز ئۆرۈپتۇ. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزگەنىكەن.


ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!


سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


چۈنكى، پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى، خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى.


ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»


بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق.


ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا، ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا، ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا.


بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا، ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ.


مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.


ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ، ‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ. خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، سەن مەندىن ۋاز كېچىپ، يۈز ئۆرۈدۈڭ. شۇڭا، مەن ساڭا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سېنى ۋەيران قىلىمەن. ساڭا شەپقەت قىلىپ چارچىدىم.


ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، ساختا پەيغەمبەرلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى.


مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»


سەن ھەقىقەتەن ئاناڭنىڭ قىزىسەن. ئاناڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرگەنىدى. سەنمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئوخشايسەن، ئۇلارمۇ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ خىت خەلقىدىن، ئاتاڭ ئامور خەلقىدىندۇر.


بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى.


مەندىن يۈز ئۆرۈگەن، مېنى ئىزدىمىگەن، مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.


لېكىن سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار ئۇنىڭغا، ئەيىبلىكسىلەر، مۇناسىپ ئەمەسسىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشقا. سىلەر چىرىك ۋە رەزىل ئەۋلادتۇرسىلەر.


ئۇ پەرۋەردىگارنى، يەنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدى.


رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.


يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئەمما ئاتىسى ئۇززىيادەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزمىدى. بىراق خەلق يەنىلا يامان ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.


ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى، زېدە قىلدى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى.


ئەجدادلىرىدەك يولدىن تېيىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار، ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ. ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite