29 سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇتلارغا تولغان باغلىرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئۆزىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ.
ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ،
سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.
ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ. ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا، يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ، كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ.
سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر.
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»
ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»
ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.
بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇس قىلىدۇ، ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ.
شۇندىلا، ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر.
ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.
ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر، شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر، چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.»
بوران ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇتلارغا قىلغان قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىدۇ.»