27 سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.
چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.
سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»
بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.
بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق. ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ.
پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.
ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»
سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.
سېنى مەڭگۈلۈك ئەمرىمگە ئالىمەن. مەن ساڭا ھەققانىيلىق، ئادىللىق، مۇھەببەت ۋە شاپائىتىمنى كۆرسىتىمەن.
ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»