Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 1:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 1:25
18 Referans Kwoze  

ئۇ كۈمۈشنى تاۋلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش لاۋىيلارنىمۇ تاۋلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشتەك پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.


ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.


كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى، شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.


ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن، نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.


كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ، كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.


مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


خۇددى ئادەملەر كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەيلەرنى ئوچاققا يېغىپ، ئۇلارنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئوتنى پۈۋلىگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى يىغىپ، يېنىۋاتقان غەزەپ ئوتۇمغا تاشلايمەن ۋە سىلەرنى ئېرىتىمەن.


ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.


ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى، يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى، مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


شۇڭا ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر داشقالغا ئايلىنىپ قالدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى يېرۇسالېمغا يىغىمەن.


ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشنى رەت قىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite