Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 1:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 1:23
47 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار.


پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر بۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ: «سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار، يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار. سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان، يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.


ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى.


ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر.


ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ.


ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»


مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن.


توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،


ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار ئوغرى بىلەن شېرىك بولغۇچى، سوتتا يالغان ئېيتسا، لەنەتكە قېلىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇ ئېيتماس راستتىنى.


پارا ئالار يەڭ ئىچىدە چىرىك كىشى، شۇندا بۇرمىلار ئادالەت يولىنى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلار ۋە يولباشچىلارمۇ بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەرۋەردىگار مۇقەددەس قىلغان يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى، شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.


ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ. ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.


مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.


يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.


ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، ساختا پەيغەمبەرلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايسەن. ئۇلارنىڭ كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى خۇددى پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىۋېتىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، شۇڭا غەزىپىم خۇددى كەلكۈندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ.


قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن. سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.


ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.


شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق، ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر.


موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.


ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.


ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار، ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار، تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.


ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!


شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.


سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite