Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 1:19
22 Referans Kwoze  

ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.


سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، مەن، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.


ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئالەمدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.


شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.


ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلساڭلار،


بۇ سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار: «قاراڭلار، مەن پەرۋەردىگار ھايات-ماماتلىق يولىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ئۆزۈڭلار تاللىۋېلىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.


يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر.


ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار،


خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر.


شۇنداق قىلساڭلار مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلىمەن، ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن.


مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite