يەشايا 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار، ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار، تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.» Gade chapit la |
ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.