Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 1:10
21 Referans Kwoze  

جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى.


سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟


ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.


مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.


يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.


دۈشمەنلىرىمىز سودوملۇقلارنىڭ نەسلىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار گومورادا ئۆسكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۈزۈمىنىڭ دانىلىرى قىرتاق، ساپاقلىرى زەھەردۇر.


يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: «ئەگەر ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ساقلاپ قالمىغان بولسا، بىزمۇ خۇدا ئوت ياغدۇرۇپ يوق قىلىۋەتكەن سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكىلەردەك بولاتتۇق.»


ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟


ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار:


ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر.


مەن مىكاھ مۇنداق دەيمەنكى، ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجەبا، سىلەر ئادالەتنى بىلمەمسىلەر؟


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite