Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ، ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 9:9
16 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار. ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟!


كەچ كىرگەنىدى، بىر بوۋاي ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋاي ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن كېلىپ، گىبئاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئىدى.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار!


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


خوجايىنى ئۇنىڭغا: _ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى.


ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى.


پەرۋەردىگار بۇ خەلق توغرىسىدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەندىن يىراقلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەمدى ئۆز خەلقىم دەپ قوبۇل قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن.»


كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلارغا، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.


گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.


پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن كۆزەتچىلىرىدۇر. لېكىن ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يولىغا تۇزاق قۇرۇلدى. ئۇلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىككە دۇچار بولدى.


ئۇ چاغدا: ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.»


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.


ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.


ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite