Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ. گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.»

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 9:16
10 Referans Kwoze  

«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.


شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.


ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەندەك، خۇددى ئەمدىلا تېرىلغاندەك، ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك، پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ. بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.


ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، شاخلىرى سولۇشۇپ قالىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداي يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقاردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.


سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite