Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 9:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 9:15
38 Referans Kwoze  

گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»


ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.


بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


سىلەر بەيتەلگە بېرىپ، گۇناھ قىلىۋېرىڭلار. گىلگالغا بېرىپ، قانغۇچە گۇناھ قىلىۋېرىڭلار! ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ئاپىرىپ، ھەر ئۈچىنچى كۈنى كىرىمىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئاتاۋېرىڭلار.


خۇدايىم ئۇلارنى چوقۇم رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار چوقۇم يات ئەللەردە سەرگەردان بولىدۇ.


ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.


لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.


كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلارغا، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «لو-ئامى» [مەنىسى «خەلقىم ئەمەس»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەس.


كېيىن گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ قىزىڭغا «لو-رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتما»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى مەن ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيمەن.


ئوھولىبا داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى مەن ئۇنىڭ ئاچىسىدىن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگىنىمدەك ئوھولىبادىنمۇ بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈدىم.


سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.


مېنىڭ ئەزىز خەلقىم شۇنچىۋالا رەزىل ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، يەنە ئىبادەتخانامغا كېلىشكە نېمە ھوقۇقى بار؟ ماڭا قىلغان قۇربانلىقلىرى ئۇلارنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلىرىدىن خۇشال بولدىغۇ!


مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن.


ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.


ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.


مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.


«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان بۇ خەلق ئورمانلىقتىكى شىردەك ماڭا ئېتىلدى. ئۇلار ماڭا قاراپ ھۆركىرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.


پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite