13 مەن ئىسرائىلىيەنى كۆرگەندە، ئۇ تىر شەھىرىگە ئوخشاش، ناھايىتى گۈزەل جاي ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ.»
دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان ۋە دېڭىزنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن خەلقلەر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان تىر شەھىرىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي تىر، سەن ئۆزۈڭنى ‹تەڭداشسىز گۈزەلمەن› دەپ ماختىغانىدىڭ.
ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»
سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.»
مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ، تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن. شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن، ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن.
شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ. گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.»
چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.
مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تىفساخ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ يەرلەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى.
ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»
ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.
خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»
ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.