Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 9:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 9:12
23 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كەچتى. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى خالايمەن، لېكىن ئۇلار مەن ھەققىدە يالغان گەپ قىلىشىدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ. گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.»


سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.


ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.


مەن ئىسرائىلىيەنى كۆرگەندە، ئۇ تىر شەھىرىگە ئوخشاش، ناھايىتى گۈزەل جاي ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ.»


سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟


مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن. ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى.


ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.


ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەردە ياشىماقتا.


شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى.


باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.


ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»


ئۇلار كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدىن يوقاتقاي.


بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.


خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite