11 ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپى خۇددى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بالا تۇغالمايدۇ، قورساق كۆتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدارمۇ بولالمايدۇ.
سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ، موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ. بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ. موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇت ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارغا بەرگىن، قانداق جازانى خالىساڭ، شۇنى بەرگىن. ئۇلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن، ئەمچەكلىرى قۇرۇپ كەتسۇن.
سىلەر كۆپەيگەنچە، ئۆتكۈزىدىغان گۇناھىڭلارمۇ كۆپەيمەكتە، شەرىپىڭلارنى نومۇسقا ئالماشتۇردۇڭلار.
پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.
چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى.
بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.
ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك، كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك.
رەزىللەرنىڭ چىرىغى چوقۇم ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇنىڭ مەشئىلى قايتا يانمىسۇن.
يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»
يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر. ئۇ بۇلاققا يېقىندۇر. ئۇنىڭ شاخلىرى ھالقىپ ئۆتەر تامدىن.
ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر جازا كۈنى خاراب بولىسىلەر! مەن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى جاكارلايمەن!
سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.