ھوشىيا 8:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئۇلار خۇددى ئىگىسىز ياۋايى ئېشەكتەك، ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلىدى. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاشنىلىرىغا ساتتى. Gade chapit la |
يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.