8 ئىسرائىلىيە يۇتۇۋېلىندى، ئۇ باشقا ئەللەر ئارىسىدا كېرەكسىز قاچا-قۇچىغا ئوخشاپ قالدى.
كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.
خۇدادا ئەنە شۇنداق ھوقۇق يوقمۇ؟! خۇدا گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئەسلى ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇ بۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمەي، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى.
ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «دۈشمىنىڭلار سىلەرگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، سىلەرنى ۋەيران قىلدى. سىلەر يات خەلقلەرنىڭ مۈلكىگە ئايلاندىڭلار ھەم ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىسىگە قالدىڭلار.
دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر: «ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى، بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى، ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!»
ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.
ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.
ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.
موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك، چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.
پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن! بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ.
ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى، يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى.
ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى سىئون ئوغۇللىرى ئەسلىدە، ئەمدى بولدى كۇلالچىنىڭ ھېجىرىدەك قەدىرسىز بۈگۈندە!