Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 8:3
10 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، غەزەپ بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئۇلارنى، يوق قىلغايسەن دۇنيادىن تامامىنى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى.


بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار، تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر، بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار.


ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.


ئىسرائىلىيەلىكلەر مەندىن: ‹ئى خۇدايىم، بىز سېنى تونۇدۇق› دەپ نىدا قىلىدۇ.


ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى، ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite