Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئىسرائىلىيەلىكلەر مەندىن: ‹ئى خۇدايىم، بىز سېنى تونۇدۇق› دەپ نىدا قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 8:2
14 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.


- مېنى «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئەرشتىكى خۇدائاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.


«خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.


ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.


كېيىن، ھېلىقى قىزلار قايتىپ كېلىپ: «تەقسىر، تەقسىر! ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭ!» دەپتۇ.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار.


لېكىن يېھۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلەپ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.


يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى.


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite