ھوشىيا 8:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، كۆپلەپ سارايلارنى قۇردى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.» Gade chapit la |
لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»
ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.