11 ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى، لېكىن بۇ قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىش ماكانى بولۇپ قالدى.
گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.
شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيمەن.›»
سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.