9 يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.
ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.
دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى. قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!»
يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ،
ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.
ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.
سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.
خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.