7 ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى تونۇردىكى ئوتقا ئوخشاش پادىشاھلىرىنى يۇتۇپ كېتەر. شۇنچە كۆپ پادىشاھلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ھېچكىم مەندىن ياردەم سورىمىدى.
ئۇززىيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە گىلئادلىق ئەللىك نەپەر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم زىكىرىياغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى خەلق ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى، ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى.
ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمايدۇ ھەم مەن خۇدانى ئىزدىمەيدۇ.
ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ماڭا ئىلتىجا قىلمىدىڭلار. ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مەندىن بىزار بولدۇڭلار.
ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.
ئىمانسىزلارنىڭ قەلبى غەزەپكە تولغان بولىدۇ، جازالانسىمۇ شاپائەت تىلىمەيدۇ.
ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.
ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».
بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق.
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.
يېھۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇلار 42 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىدى.
مەكتۇپ ئاقساقاللارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى.
يېھۇ ئۇلارغا: _ ئىزەبەلنى يەرگە تاشلاڭلار! _ دېدى. ئۇلار ئىزەبەلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى تامغا ۋە ئاتلارغا چاچرىدى. يېھۇ ئات بىلەن ئۇنى دەسسەپ، چەيلىدى.
يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ دۈمبىسىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى.
زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى.
ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى.
بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا نادابنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى.
پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،
تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.
سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.
ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.