ھوشىيا 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئۇلار ماڭا، يەنى مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار خۇددى كېرەكسىز يادەكتۇر. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.» Gade chapit la |
چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»
سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالمايسىلەر. سۇنغان قۇربانلىقلىرىڭلاردىنمۇ پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ. قۇربانلىقلىرىڭلارنى كىم يېسە، شۇ مۇسىبەت بولغان ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگەنگە ئوخشاش ناپاك بولىدۇ. سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلار بىلەن پەقەت ئاچلىقنى بېسىشقىلا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.