Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 7:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مەن ئۇلارنى تەربىيەلەپ، بىلەكلىرىنى كۈچلۈك قىلدىم، لېكىن ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق ئويلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 7:15
18 Referans Kwoze  

ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟ ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى، ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.


مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.


خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،


بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز.


لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى.


سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئەجدادىمىز پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «نېمە ئۈچۈن كاپىرلار خۇدادىن غەزەپلىنىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست قىلىدىغاندۇ؟


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن، بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.


بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!


ئەي رەزىللەر قاچانغىچە ماڭا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ قاچانغىچە ھەممىڭلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ خۇددى يىقىتقاندەك قىيسىيىپ قالغان تام، لىڭشىپ قالغان قاشانى، سىلەرنىڭ قەستىڭلار ھەيۋەتلىك ئورنۇمدىن يىقىتىشتۇر مېنى. شۇنچە ئامراق سىلەر يالغانچىلىققا، بەخت تىلىگىنىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردا، قارغايسىلەر ئىچىڭلاردا. سېلاھ


نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟


قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما.


لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاۋۋالقىدەكلا خاتىرجەم ياشاپ قالدى.


يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە، جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. چۈنكى سىلەر ماڭا، يەنى مەدەتكارىڭلارغا قارشى تۇرۇۋاتىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite