Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 7:11
25 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.


ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ.


ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ.


ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.


ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟


پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.


تەربىيىنى رەت قىلغان ئۆزىنى خار قىلار، تەنبىھكە قۇلاق سالغان ئەقىل تاپار.


ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.


ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.


سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.


ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: _ مەن سىلىگە قۇل بولاي، بالا بولاي. سىلى كېلىپ، مېنى ئاررام پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇۋالسىلا، _ دېدى.


پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ.


سىلەرنىڭ بارلىق ئىتتىپاقدىشىڭلار سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلىۋېتىدۇ، سىلەر بىلەن تىنچ ئۆتكەن كىشىلەر سىلەرنى ئالدايدۇ ۋە مەغلۇپ قىلىدۇ، سىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان كىشىلەر سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ، سىلەر غەپلەت ئىچىدە قېلىپ، ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite