Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمايدۇ ھەم مەن خۇدانى ئىزدىمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 7:10
18 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، يەنى ئەفرايىم گۇناھلىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، يەھۇدىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىقىلىدۇ.


ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى تونۇردىكى ئوتقا ئوخشاش پادىشاھلىرىنى يۇتۇپ كېتەر. شۇنچە كۆپ پادىشاھلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ھېچكىم مەندىن ياردەم سورىمىدى.


كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.


يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.


سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.


ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن، بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.


پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر، خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.


يامانلار ئىزدىمەس خۇدانى ھاكاۋۇرلىقىدا، خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا.


مەندىن يۈز ئۆرۈگەن، مېنى ئىزدىمىگەن، مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»


شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite