6 قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى.
ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلسەڭلارىدى، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار، دەپ قارىمايتتىڭلار.
ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.
سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.
پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟ قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم. مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.
سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئۇ نامرات ۋە موھتاجلارنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇنىڭ ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى، مېنى تونۇغانلىق ئەمەسمۇ؟
باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»
ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.
مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە تەلەپ قىلمىغانىدىم.
شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ.
خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
ئەرشتىكى خۇداغا سەجدە قىلغىنىمدا، نېمە ئېلىپ باراي پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا؟ ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ؟ بىر ياشلىق تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ-يە؟
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.
مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن.
قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى، ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى.
ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.
توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!
ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى.
ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.