ھوشىيا 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. Gade chapit la |
بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.