Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ، خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 6:4
19 Referans Kwoze  

شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.


ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.


يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.


لېكىن بۇ كىشىلەر جاھىل ۋە ئاسىيدۇر. ئۇلار يولۇمدىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتى.


ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.


ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم.


شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا، ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى كۈچلەندۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite