12 مەن ئىسرائىلىيەنى كۈيە چۈشكەن كىيىمگە، يەھۇدىيەنى پور ياغاچقا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.
چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»
بەدەنلىرىم خۇددى پورلاشقان ياغاچتەك، كۈيە چۈشكەن كىيىمدەك بولۇپ يوقايدۇ.»
لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پېلىكىنى يەپ، ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى.
مانا، ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرمەكتە، قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دەپ ئېيتالايدۇ؟ قاراڭلار، ئۇلار خۇددى كىيىدىغان كىيىمدەك كونىرايدۇ، ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ.
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.
گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ
شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.